نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > كېسەللىكلەر

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • يۈرەكنىڭ ياخشى-يامانلىقى بەدەندىكى بەش جايدا ئىپادىلىنىدۇ

  • قاندىكى قەنتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىككىلا تەدبىر كۇپايە

  • ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەزگىلىدىكى سۇلۇق قاپارتما ۋە ئەسۋەنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

  • جىگەر راكىنىڭ تېرىدە كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى

  • يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى دۇنيادىكى يوقاتقىلى بولىدىغان ئىككىنچى چوڭ كېسەللىك

  • خەتىرى تاماكا چېكىشتىن قېلىشمايدىغان ئۈچ ناچار ئادەت

قانداق كىشىلەر ئاسانلا روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ؟

مەنبەسى : http://xl.39.net/a/181123/6666970.htmlيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-05كۆرۈلىشى :

 39 ساغلاملىق تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

روھىي كېسەللىكنىڭ تېببىي ئىلىمدىكى تولۇق ئاتىلىشى نېرۋا ئەزالىرى ئىقتىدارى كېسەللىكى بولۇپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نېرۋىدا توسالغۇ كۆرۈلگەنلىكنى چۈشەندۈرىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغىنى بولسا نېرۋا ئاجىزلىقى بولۇپ، قايسى خىل كىشىلەرنىڭ نېرۋىسى ئاسانلا ئاجىزلىشىدۇ؟ نېرۋا كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟

1. ئېرسىيەت ئامىلى

ئەگەر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئەزالارنىڭ ھەممىسى نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلادتا نېرۋا كېسەللىك مەسىلىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بىراق بۇ نېرۋا كېسەللىكى ئېرسىي كېسەللىككە تەۋە دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت نېرۋا كېسەللىكىنىڭ ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ساپاسى ئېرسىيەت قالىدۇ. ئوخشاش شارائىتتا، جەمەت تارىخىدا نېرۋا كېسەللىكى بار كىشىلەر خىل نېرۋا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ.

2. مۇھىت ئامىلى

ئەگەر بىرەيلەن كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانا مېھرىگە ئېرىشەلمىسە، ئۇنىڭدا قېرىنداشلىق مېھرى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەم بولىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئاتا-ئانىلار بالىسى كىچىك چېغىدىلا ئاجرىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاسانلا نېرۋا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا مۇھىتنىڭ بىر ئادەمگە بولغان تەسىرى خېلىلا چوڭ بولۇپ، خاراكتېرىنىمۇ ئىچكى مىجەز، تەنھالىققا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.

3. ھايات سەرگۈزەشتىسى

بىر ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇشلىرىدا قاتتىق زەربە يېسە نېرۋىسىدا ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن بەزىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ياخشى بېرەلمەي كۈنبويى قالايمىقان ئويلاردا بولۇپ، ئاخىرى بولماي بىر كۈنى تۈگىشىپ، نېرۋىسىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

4. كەسپىي ئالاھىدىلىك

كۆپىنچە كىشىلەر خىزمەت ئامىلى تۈپەيلى ناھايىتى ئېغىر بېسىمگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنداق روھىي ھالەتتە ئاسانلا زىيادە جىددىيلىشىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر دائىم بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ئاسانلا روھىي كېسەللىككە مۇپتىلا بولىدۇ.

5. خاراكتېر ئامىلى

نېرۋا كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ مىجەزى نورمال ئەھۋالدىمۇ ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ، مۇكەممەللىكنى زىيادە قوغلىشىدۇ، ئۆزگىرىشنى ياقتۇرمايدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ كۈتىدىغىنى زىيادە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ نېرۋىسى زىيادە جىددىيلىشىپ، روھىي كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. 

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam