نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ساغلاملىق > تىبابەت

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • سوغۇق كۈنلەردە تۇخۇم پىياز قاتلىمىسى ئەڭ ياخشى ناشتىلىق بولالايدۇ

  • مۇتەخەسسىسلەر ئورۇقلىتىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە قانداق قارايدۇ

  • مەخپىي رېتسېپقا ئىشەنمەڭ

  • ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىلگەن بىر ئىستاكان سۇنىڭ پايدىسى

  • گېنى كەمتۈك كىشىلەر ھاراق ئىچسە يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان پەسلىدە يۇقىرى ھارارەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆز

سوغۇق كۈنلەردە تۇخۇم پىياز قاتلىمىسى ئەڭ ياخشى ناشتىلىق بولالايدۇ

مەنبەسى : https://m.toutiaocdn.com/i6630000046811120131/?iid=525846931يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-12-02كۆرۈلىشى :
 

بۈگۈن بۇ يەردە كۆپچىلىككە پىياز بىلەن تۇخۇمنىڭ يېڭىچە يېيىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز. ياقتۇرسىڭىز ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئېتىپ بېقىڭ.

 

ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
 

ئىككى تال تۇخۇمنى چېقىپ قاچىغا تۆككەندىن كېيىن قوچۇپ ئېلىشتۇرىمىز.

پىيازنى قېلىن ھەم ياپىلاق قىلىپ توغرايمىز. ئالتە پارچە چەمبەر شەكىلدىكى پىيازنى كېيىن ئىشلەتكىلى تەييارلاپ قويۇپ قويىمىز.

قالغان پىيازنى ئۇششاق توغراپ تۇخۇم تۆككەن قاچىغا سېلىپ قوچۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە خۇشپۇراق تېتىتقۇلارنى (مەخسۇس قورۇمىلارغا ئىشلىتىدىغان تەڭشەلگەن تەييار تېتىتقۇ ياكى تەم تەڭشىگۈچلەرنى ئىشلەتسەك بولىدۇ) سالىمىز.

قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن چەمبەر شەكىلدىكى پىيازنى سېلىپ ئوتتۇرىغا تۇخۇم- پىياز سۇيۇقلۇقىنى قۇيۇپ بوش ئوتتا ئاستا پىشۇرىمىز.

قاتلىمىنىڭ ئىككى تەرىپى سارغايغاندا تۇخۇم-پىياز قاتلىمىسى پىشقان بولىدۇ. ئوتنى ئۆچۈرۈپ قاتلىمىنى تەخسىگە ئېلىپ يېيىشكە بولىدۇ.

مەززىلىك ناشتىلىق پىياز-تۇخۇم قاتلىمىسى تەييارلاش مانا مۇشۇنداق ئوڭاي. ياقتۇردىڭىزمۇ؟

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam