نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > تارقىلىش يوللىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا قانداق يۇقىدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ۋە پاتالوگىك ئۆزگىرىشى

  • ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

  • ئەرمەك ھايۋاناتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

  • «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

  • ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

دېققەت! بەدەنگە گۈل چەكتۈرسىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدۇ

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-07-17كۆرۈلىشى :

ئاۋسترالىيەلىك ساياھەتچى بەدىنىگە گۈل چېكىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملاندى

ئاۋسترالىيە سەھىيە تارماقلىرى ئاۋسترالىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت ئورنى بولغان بالى ئارىلىدا، بەدىنىگە گۈل چېكىش سەۋەبى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتتى.
غەربىي ئاۋسترالىيە سەھىيە تارمىقى «بارلىق يۇقۇملىنىش مەنبەسى ئىسپاتىنىڭ ھەممىسى (بىمار) نىڭ بالى ئارىلىدىكى بەدەنگە گۈل چېكىش كەچۈرمىشىدۇر»دەپ كۆرسەتتى، ئەمما بىمارنىڭ تەپسىلىي مەلۇماتىنى ئاشكارىلىمىدى.
سەھىيە تارمىقى بالىي ئارىلىدا بەدەنگە گۈل چەككەنلىكى كىشىلەر بولسا تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
غەربىي ئاۋسترالىيە شتاتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى بۆلۈپ باشقۇرۇش ئەمەلدارى پائۇل ئامستروڭ:«بۇ بىر مىسال شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، چەتئەلدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ساغلاملىققا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر تەھدىتنى پەيدا قىلىدۇ»دەپ كۆرسەتتى.
سەھىيە تارماقلىرى، ئادەم بەدىنىدىن تۆشۈك ئېچىشمۇ ئوخشاشلا خەتەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاسانلا جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىدۇ-دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، بۇلتۇر بالى ئارىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، يۇقۇملىنىش مىسالى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا %19 كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

yyyyyyyyy.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】