نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > تارقىلىش يوللىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا قانداق يۇقىدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ۋە پاتالوگىك ئۆزگىرىشى

  • ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

  • ئەرمەك ھايۋاناتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

  • «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

  • ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كىچىك ھالقىلار

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-07-17كۆرۈلىشى :

● ئۆزىنى پاك تۇتۇپ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارماسلىق
● ساقال ئېلىش تىغى، چىش چوتكىسىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلتمەسلىك لازىم
● دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋابلار بىلەن قۇلاق تەشتۈرمەسلىك، قاش چەكتۈرمەسلىك لازىم
● ئۆزى ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانغان ۋاقىتتا گاندوم ئىشلىتىش.
● زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلار باشقىلار بىلەن شىپرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىكى لازىم.
● داۋالاش ئېلىپ بارغاندا دېزىنفېكسىيەلەنگەن داۋالاش ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.
● قان سېلىش زۆرۈر بولغاندا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئۆلچەملىك قاننى سېلىش كېرەك.
● نىكاھتىن بۇرۇن بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېگىنىنى تەكشۈرتىش، نىكاھتىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئەخلاق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، بىر-بىرسىگە سادىق بولۇش.
● ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن ساقلىنىش.
● ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالسا، بالىنى چۈشۈرۋېتىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.
● ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارنى، مەيلى قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېگىنىنىڭ مۇسبەت بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، تۇغقان ئانىسى ئىمىتمەسلىكى كېرەك.
● ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە نىكاھلانمىغانلار نىكاھتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.
● زەھەرنى تېتىپ بېقىش نىيتىدە بولماسلىق، زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلار دەرھال زەھەر تاشلاشى لازىم.
● قانۇنسىز قان يىغىش پونكىتلىرىغا بېرىپ قان بەرمەسلىك ۋە قان ساتماسلىق لازىم.
● بەدەنگە گۈل چەكتۈرمەسلىك لازىم.
● دوختۇر، سېستىرا، تەكشۈرگۈچى خادىملار ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغاندا، ئوپىراتسىيە پىچىقى ۋە ئوكۇل يىڭنىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تېرىسىنى زەخمىلەندۈرىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
● باشقىلار بىلەن مۇشىتلاشماسلىق لازىم، مۇشىتلىشىش جەريانىدا قان تۆكۈلۈشتىن خالى بولۇش تەس بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

yyyyyyyyy.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】