نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > تارقىلىش يوللىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا قانداق يۇقىدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ۋە پاتالوگىك ئۆزگىرىشى

  • ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

  • ئەرمەك ھايۋاناتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

  • «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

  • ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

ئەيدىز توغرىسىدىكى ئون خىل ساۋات

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-07-18كۆرۈلىشى :

 كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنى چۈشىنىشى، توغرا تونۇشى ۋە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىشىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز توغرىسىدا10 خىل ساۋاتنى ئېلان قىلدى.
1. ئەيدىز زادى قانداق ئىش؟
ئەيدىز ۋىرۇسى(ئىنسانلار ئىممۇنىت كۈچى كەمچىل بولۇش كېسىلى) ئىممۇنىت سېستىما ھۈجەيرىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىش ئىممۇنىت سېستىمىسىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىككە ۋە باشقا كېسەللىككە بولغان قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئەيدىز كېسىلى (ئىممۇنىت كەمچىل بولۇش ئۇنۋېرسال كېسىلى) ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش بولۇپ، 20نەچچە خىل يۇقۇملۇق كېسەل ياكى راك كېسىلىنىڭ ھەرقانداق بىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. ئەيدىز ۋىرۇسى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.
يۇقۇملانغۇچى بىلەن قوغدىنىش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى ئېغىز زىناسى ئېلىپ بېرىش:
يۇقۇملانغان قان سۇيۇقلۇقىنى سالدۇرۇش؛
يۇقۇملانغان ئوكۇل يىڭنىسى، شىپىرىس ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆتكۈر ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛
ھامىلدارلىق، تۇغۇتتىن كېيىن ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئانا-بالا ئوتتۇرسىدا يۇقۇملىنىش؛

3. پۈتۈن دۇنيادا ھازىر 35 مىليون 300 مىڭ نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بار.
نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 35 مىليون 300 مىڭ نەپەردىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2.1 مىليون نەپىرى 10-19 ياشلىق ياش-ئۆسمۈرلەردىن تەركىب تاپقان. ياشلىق دەۋرىنىڭ مۇقىم ئالاھىدىكى بولسا بەدەن ۋە ھېسسياتنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى بولۇپ ئاسانلا خەتەرلىك قىلمىشلار كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭلاشقا ياش-ئۆسمۈرلەر ئاسانلا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممسى تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا سەۋىيىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە جايلاشقان. 2012-يىلى يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2.3 مىليونغا يەتكەن.
4. ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەل«قاتىلى».
مۆلچەرلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى ياكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر 3 مىليون 600 مىڭ، 2013- يىلىلا 1 مىليون 600 مىڭ نەپەر ئىكەن.
5. ۋىرۇسنىڭ تەتۈر ئايلىنىشغا قارشى بىرلەشمە داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئادەم بەدىنىدە يامراپ كېتىشىنى توسالايدۇ.
مۇبادا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسالىغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى ھەمدە قايتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇبادا بىر جۈپ مۇسبىي ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەر-ئايالنىڭ بىرى ۋىرۇسنىڭ تەتۈر ئايلىنىشغا قارشى بىرلەشمە داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغاندا جىنسى يول ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى مەنپىي بولغان تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش مۇمكىنچىلىكىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2012- يىلنىڭ ئاخىرغىچە، تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا سەۋىيىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى بىر مىليۇن نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبىي چىققانلار ۋىرۇسنىڭ تەتۈر ئايلىنىشغا قارشى بىرلەشمە داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن داۋالاشقا مۇيەسسەر بولالىغان.
2013- يىللىق يېڭى كۆرسەتمە بويىچە، تەخمىنەن 26 مىليون كىشى ۋىرۇسنىڭ تەتۈر ئايلىنىشغا قارشى بىرلەشمە داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىنىشقا موھتاج ئىكەن.
7. تەخمىنەن 3 مىليون 340 مىڭ بالا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان.
2011-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي سەھرايى كەبىر جايلىرىدا ياشايدىغان مۇسبىي ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانىلار ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلدە ئانىلار ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئىكەن.

8. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانا-بالىلار ئوتتۇرسىدىكى يۇقۇملىنىشتىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولىدۇ.
تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا سەۋىيىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، ئالدىنى ئېلىپ ئارلىشىش تەدبىرى يەنىلا چەكلىمىلىككە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ھازىر ئىلگىرلەش زور بولماقتا. 2011- يىلى، 56% ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان داۋالىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

9. ھەرىكەتچان تۇبىركىليۇزغا گىرىپتار بولۇشقا قارىتا، ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىل
2011- يىلى، تەخمىنەن 430 مىڭ نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار تۇبىركىليۇز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، شۇ يىلى ئۆلۈپ كەتكەن 1 مىليون 700 مىڭ نەپەر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگەللىگەن. شۇنداقلا، پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 79% نى ئىگەللىگەن ئەيدىز كېسلى ياكى تۇبىركىليۇز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي سەھرايى كەبىر جايلىرىدا ياشايدىكەن.

10. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇل
بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىش، مەسىلەن گاندون ئىشلىتىش دېگەندەك؛
تەكشۈرۈشنى ھەمدە جىنسىي يۇقۇملىنىش جەھەتتىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، ئەيدىز كېسىلىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە؛
دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ياكى ئوكۇل ئۇرغاندا چوقۇم يېڭى، بىر قېتىملىق ئوكۇل ياكى شپرىسنى ئىشلىتىش؛
سالدۇرماقچى بولغان قان سۇيۇقلۇقى ياكى قان پلازمىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

yyyyyyyyy.jpg

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】