نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > تارقىلىش يوللىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا قانداق يۇقىدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ۋە پاتالوگىك ئۆزگىرىشى

  • ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

  • ئەرمەك ھايۋاناتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

  • «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

  • ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

B تىپلىق جىگەر كېسىلى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-07-25كۆرۈلىشى :

    مەملىكىتىمىز B تىپلىق جىگەر كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. سوزۇلما B تىپلىق جىگەر كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بوۋاق ۋاقتىدا B تىپلىق جىگەر كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان دورا بولمىغاچقا، يۇقۇملانغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر بۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرۈپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. سەھىيە مىنىستىرلىقى 1992 – يىلى B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋاكسىنىسىنى پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، 2002 – يىلدىن باشلاپ رەسمىي پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش تۈرىگە كىرگۈزدى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئەملەشنى باشلىدى ھەم بوۋاق تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە 1 – قېتىملىقىنى ئەملەش تەلەپ قىلىندى. نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئىممۇنىتېتلاش سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ‹‹كىم تۇغدۇرسا، شۇ ئەملەش›› پىرىنسىپى بويىچە، داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان بالىلارغا تۇنجى قېتىملىق B تىپلىق جىگەر ۋاكسىنىسىنى ئەملەيدىغان بولدى. 2012 – يىلى 5 – ئايدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، مەملىكىتىمىزدىكى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %2تىن تۆۋەنلەش نىشانىغا يەتتى.
    مەملىكىتىمىزدە كۆپلىگەن B تىپلىق جىگەر كېسەللىكى ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا تۇغۇت جەريانىدا يۇقىدىكەن. بوۋاقلارنىڭ B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسىغا قارىتا ئىممۇنىتېت كۈچى بولمىغاچقا، يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كېيىن %90 تىن يۇقىرى بوۋاق چوڭ بولۇش جەريانىدا سوزۇلما B تىپلىق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.
B تىپلىق جىگەر كېسىلىنىڭ يۇقۇش يولى ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ يەنى ئانىدىن بالىغا، قان ئارقىلىق، جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش سوزۇلما B تىپلىق جىگەر كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. B تىپلىق جىگەر ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئەملىگەندە، B تىپلىق جىگەر كېسىلىنىڭ سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىش نىسبىتى ۋە جىگەر قېتىش، جىگەر راكى قاتارلىقلارغا ئۆزگىرىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا بوۋاق تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋاكسىنىسىنىڭ 1 – ئوكۇلىنى، بىر ئايلىق بولغاندا 2 – ئوكۇلىنى، ئالتە ئايلىق بولغاندا 3 – ئوكۇلىنى ۋاقتىدا ئەملىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】