نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > تارقىلىش يوللىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا قانداق يۇقىدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ۋە پاتالوگىك ئۆزگىرىشى

  • ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

  • ئەرمەك ھايۋاناتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

  • «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

  • ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

ئەيدىز بىمارلىرىدىكى كاپۇس ئۆسمىسى ۋە ئۆپكە ياللۇغى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-07-27كۆرۈلىشى :

كاسى ئۆپكە خالتىلىق قۇرتلۇق ئۆپكە ياللۇغى (PCP) دېگەن نېمە؟
ئىنتايىن مۇھىم بولغان پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ئالامىتى، يەنى  ئەيدىزنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى ۋە بىمارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. چوقۇم ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇش، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش لازىم. دەسلەپكى ئالامىتى تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى پەيدا بولۇپ، ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەپەس قىيىنلىشىنى بەلگە قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئەمگەك قىلغاندا، نەپەس يېتىشمەسلىك، نەپەس قىيىنلىشىش، قورۇما يوقىلىش، قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
كاپۇس ئۆسمىسى دېگەن نېمە؟
كاپۇس ئۆسمىسى بولسا،  ئەيدىز ۋىرۇسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك ۋە ئۆلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى،  ئەيدىزگە كاپۇسى ئۆسمىسى قوشۇلۇپ كەلگەن چاغدا، كېسەللىك ئەھۋالى تېزلىكتە كېڭىيىپ، بەدەندىكى كۆپلىگەن ئەزالارغا، بولۇپمۇ ئۆپكە، ھەزىم قىلىش يوللىرى، لىمفا قاتارلىقلارغا بۆسۈپ كىرىپ، كۆكرەك بوشلۇقىدا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، قان تۈكۈرۈش، ئۈستۈنكى ھەزىم يولى  قاناش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتۈن بەدەنگە يۈزى سىلىق، قاسىراقسىز ئەسۋە قاپارتما، تۈگۈنچە پەيدا بولىدۇ. كۆكرەك، دۈمبە يۈزى قىسىملىرى كۆپ بولىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىمۇ كۆرۈلىدۇ.
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】