نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > تارقىلىش يوللىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا قانداق يۇقىدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ۋە پاتالوگىك ئۆزگىرىشى

  • ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

  • ئەرمەك ھايۋاناتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

  • «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

  • ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار يېمەكلىكلەر

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-08-07كۆرۈلىشى :

 ئەيدىز كېسىلى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادا تېخى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يوق. ساغلام بولمىغان جىنسىي تۇرمۇشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، قان سالغۇزغاندا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنداقتا، قايسى يېمەكلىكلەرنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار؟

1. سېرىق پۇرچاق
سېرىق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بولۇپلا قالماستىن، يەنە مول بولغان سېلىن ئېلېمىنتى بولۇپ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە كىرگەن تەقدىردىمۇ كۆپىيىشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. 
2. تەرخەمەك
تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن c بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە . تەرخەمەكنىڭ ئۇچ قىسمىدا بىر خىل ئاچچىق خىمىيەلىك ماددا بولۇپ، ئادەم تېنىگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. 
3. ئاچچىق كاۋا
ئاچچىق كاۋىنىڭ تەركىبىدە ئاچچىق كاۋا ئاقسىلى بار بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ، ئامېرىكا ئالىملىرى 50 نەپەر ئەيدىز بىمارىنى كۆپ مىقداردا ئاچچىق كاۋا ئىستېمال قىلغۇزۇپ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن. 
4. لامىنارېيە
لامىنارېيەنىڭ تەركىبىدە يود مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 
5. ئۆردەك قېنى
ئۆردەك قېنى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېت ئاقسىلى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت فۇنكىسيەسىنى كۈچەيتىدۇ. قان تەركىبىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىنى كۆپەيتىپ، لىمفا ھۈجەيرىسىنىڭ يۈتۈش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەيدىز ۋىرۇسىغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
6. سامساق
سامساق تەركىبىدە باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان ئېلېمىنىت بار بولۇپ، ھەرخىل باكتېرىيەلەرگە نىسبەتەن ئۆلتۈرۈش-تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ. دائىم سامساق يىگەندە كۈچلۈك ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى شەككىللەندۈرۈپ ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىنى سامساق ياپراقچىسىنىڭ ئىچىگە بەش مىنۇت قويۇپ قويغاندا ھەممە ۋىرۇس ئۆلۈپ تۈگىگەن. شۇنداقلا ئادەتتە سامساقنى كۆپ يەپ بەرگەندە، ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 
ئەخمەت قۇربان تەييارلىغان
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】