نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > تارقىلىش يوللىرى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز ۋىرۇسى ئانىدىن بالىغا قانداق يۇقىدۇ؟

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ۋە پاتالوگىك ئۆزگىرىشى

  • ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

  • ئەرمەك ھايۋاناتلاردىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

  • «بىر كېچىلىك ھېسسىيات» ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىر ئاپەت رايونى

  • ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالىدىغان 5 قاراش:

ئاپتونوم رايونلۇق 6-دوختۇرخانا ئىتتىپاق كومىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش تەشۋىقات تەربىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇردى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-08-10كۆرۈلىشى :

 ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان قارىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇشتا جىددىي ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق 6-دوختۇرخانا 3-ئاۋغۇست «ئەيدىز كېسىلى» ۋە «جىددىي قۇتقۇزۇش» نى ئاساسىي نۇقتا قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلدە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيتىنى قانات يايدۇردى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 30-ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق (4) - سىنىپنىڭ 43 نەپەر ئوقۇغۇچىسى ۋە ئاتا-ئانىلار بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى. 

بۇ قېتىملىق پائالىيەت قىزىل لېنتا تاقاش، ئەيدىز بىلىملىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئۆتكۈزۈلدى. 
بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئەيدىزنى چۈشىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان، 6-دوختۇرخانا تېببىي خادىملىرىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىك A3 دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات يولىدا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەشنى كۆڭلىگە پۈككەن، شۇنداقلا، تارقىلىشچان كېسەللىك بىلىملىرى ۋە جىددىي قۇتۇلدۇرۇش بىلىملىرىنى ئامما ئارىسىغا تارقاتقاندىلا كېسەللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.    
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】