نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > كلىنىكىلىق ئىپادىسى

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ كىچىك بالىلاردا كۆرۈلىدىغان دەسلەپكى ئالامەتلىرى

  • بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى

  • 19-15 ياش ئارىلىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسى

  • ئەيدىز كىسىلىنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلدى

  • ئەيدىز ۋە بەدەننىڭ ئىممۇنىت سىستېمىسى

  • زۆرۈر ئەيدىز ساۋاتلىرى

مىكروئورگانىزىمدىن مۇداپىئەلىنىش HIV نى داۋالاشتا پايدىلىق

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-07-31كۆرۈلىشى :

 { ART ئەيدىز ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ھاياتلىقى } ئەنگىلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلىدا 20-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلىشىگە قارشى داۋالاش ئۇسۇلى (ART) نىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كۈچى ئاشۇرۇلۇپ 24 ھەپتە ۋە 48 ھەپتىلىك ئۆلۈش نىسبىتى چۈشىدىكەن. 
زىمبابۋې ئۇنىۋېرسىتېتى Harare كىلىنكىلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروففىسسورى ۋە باشقا خىزمەتداشلار TMP - سۇلفا مېتىل ئىزوكساتىئونقا ئاز دېگەندە 12 ھەپتىلىك B 6 پىرىدوكسىن – رىمىفون، 12 ھەپتىلىك فتور كاڭ ئوكسازول، بەش كۈنلۈك ئازىترومىسىن، يەككە دورىلىق ئافېنىل دازو ۋە يەككە دورىلىق ترىمېتوپرىمۇن - سۇلفا مېتىل ئىزوكساتىئوندىن تەشكىللەنگەن مىكروئورگانىزىملىق دورىلارنى قوشۇپ داۋالاش ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ئاشۇرۇلغان. جەمئىي 1805 بىمار تاساددىپىي مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئېشىش ياكى ئۆلچەملىك مۇداپىئە گورۇپپىسى دەپ ئايرىلغان، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 48 ھەپتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، 24 ھەپتىلىك  Kaplan-Meier تەھلىلدە ئۆلۈش ئۆلچىمىنى مۆلچەرلەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆلۈش نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان؛ ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا 48 سائەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا  %14.4 ۋە %11.0 بىمار قازا قىلغان.  ئاشۇرۇش خاراكتېرلىك مۇداپىئە گورۇپپىسىدىكى بىمارلارنىڭ تۇبېركۇليۇز، يوشۇرۇن شارچە زەمبۇرۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش، ئېغىز بوشلۇقى ياكى كېكىردەك تەسۋىسىمان باكتېرىيە كېسىلى، سەۋەبىنى بىلمەي قازا قىلىش ۋە يېڭىدىن دوختۇرخانىغا يېتىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】