نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > دىئاگنوز ۋە پەرىقلەندۈرۈش

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى تېرە ئەسۋىسى

  • ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار

  • 65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن

  • بىمارلار ئەيدىز ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  • ئەيدىزنى يۇشۇرۇش

  • ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى

ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى تېرە ئەسۋىسى

مەنبەسى : hiv.cnيوللىغۇچى : mahsatۋاقتى : 2017-05-03كۆرۈلىشى :

ئەيدىز بولسا ساقىيىشى قىيىن ۋە ئائىلىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ،

كۆپلىگەن كىشىلەر ساغلام بولمىغان جىنسىي ئالاقە سەۋەبىدىن بەدىنىدە بىر ئۆمۈر ۋىرۇس ساقلىنىپ قالىدۇ. لىمفا سىستېمىسىدىكى ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەڭ ئاساسلىق لىمفا ت ھۈجەيرىسى ئادەم تېنىگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ ئاخىردا ئادەم بەدىنىدە ئالدىنى ئالالايدىغان ھۇجەيرە قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورگانىزىمدا تۈرلۈك كېسەللىكلەر ناھايىتى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈلۈش نىسبىتىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.

 ئەيدىزنىڭ كۆزنەك مەزگىلىدىكى تېرە ئەسۋىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 2-4 ھەپتە ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا تېرىدە سۇلۇق قاپارتما بولىدۇ. بۇ قاپارتما ئادەتتە تۆت مۈچە ۋە دۈمبە قىسمىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. 1-2 ھەپتە ئەتراپىدا داۋاملىشىپ ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. تۇتقاندا قىچىشقاندەك ياكى ئاغرىغاندەك سېزىم بولىدۇ. مۇشۇ چاغدا ئەگەر ئەيدىز كېسىلىدىن گۇمان قىلىنسا دەرھال مەخسۇس داۋالاش ئورنىغا بېرىپ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرتۈپ ۋىرۇس تەكشۈرۈش ۋاقىتنى سوزۇپ قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.

 ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدە پەيدا بولىدىغان تېرە ئەسۋىسىنىڭ ئىچىدە %25-%50 بولغان تېرە ئەسۋىسى ئەدەتتە ۋىرۇس خاراكتىرلىك بولىدۇ. ۋىرۇس خاراكتىرىدىكى تېرە ئەسۋىسىنىڭ ئىچىدە چېكىتسىمان ۋە قىزىل رەڭلىك دۆڭچە ئەسۋە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. قىچىشمايدىغان دۆڭچە ئەسۋە ۋە بەزىدە يامراش تىپىدىكى ھۆل ئەسۋەمۇ ئۇچرايدۇ. ئادەتتە تېرە ئەسۋىسىنىڭ پەيدا بولۇش ئورنى كۆپرەك يۈز ۋە دۈمبە قىسمىدا بولىدۇ. ئېغىر كېسەللەردە پۈتۈن بەدەندە كۆرۈلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغىنى ئېغىز شىللىق پەردىدىكى زەمبۇرۇغلۇق ۋىرۇس بولۇپ، بۇ ۋىرۇس ناھايىتى كۈچلۈك، بۇ ۋىرۇس پۈتۈن بەدەنگە يامراپلا قالماستىن يۇتقۇنچاق ۋە قىزىل ئۆڭگەچكە تەسىر كۆرسىتىپ يۇتۇش قىيىن بولۇشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى دائىم قوزغىلىپ تۇرىدۇ.

 

باي ناھىيىلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمىدىن (قاھار ئوسمان)

    http://www.hiv.cn/hivbk/yufang/6205.html           مەنبە-   




【مەسئۇل تەھرىر : 】