نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > دىئاگنوز ۋە پەرىقلەندۈرۈش

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى تېرە ئەسۋىسى

  • ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار

  • 65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن

  • بىمارلار ئەيدىز ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  • ئەيدىزنى يۇشۇرۇش

  • ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى

ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كۆرۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرى قايسىلار؟

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-06-08كۆرۈلىشى :

ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى ئەزا سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋىرۇس. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان T4 لىمفا ئورگانىزىمىنى زەربە بېرىش ئوبىيكتى قىلىپ ، T4 لىمفا ئورگانىزىمىنى زور دەرىجىدە بۇزىدۇ ھەمدە جاننى ئالغۇچى ئىچكى ئاجىزلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل ۋىرۇس ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ ئادەم بەدىنىنى ھەر خىل كېسەللىكنىڭ تۇشۇغۇچى تەنچىسىگە ئايلاندۇرىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بەلكى ئىمۇنىت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ ، ئېممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى قايتا ئىشلەپ چىقىرىش فونكىسىيىسىنى يوقىتىپ ، ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ ئاخىرىدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە 9 يىلدىن 10 يىلغىچە يوشۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، ھەمدە ئەيدىز كېسەللىكىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن بىمارنىڭ سىرتقى قىياپىتى نورمال بولۇپ ، باشقىلارغا ئوخشاشلا تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ ۋە خىزمەت قىلالايدۇ.

    ئەيدىز كېسىلى ئېممۇنىتېت سىستېمىسىنى قالايماقانلاشتۇرىۋەتكەنلىكتىن ، قاپارتما ، قوقاق قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ.

    تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، تەتقىقاتچىلار ئېغىر ۋە جاھىل بولغان تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇملانمىغانلىقىنىڭ ئۆلچىمى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېرىسىدە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان :

    1. تېرە ياللۇغلىنىش ، قىزىرىپ ئىشىش ، قاپارتما پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، تىپىك ئىپادىسى بولسا ئېغىز ۋە بۇرۇن ئەتراپىدا سۇلۇق قاپارتما ۋە قوقاق پەيدا بولىدۇ .

    2. ئېغىر بولغان مايلىق تېرە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ . يۈزىدە ، باش تېرىسىدە ئېغىر مايلىق تەڭگە تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    3. ئېغىر بولغان قۇرغاق تېرە كېسەللىكى ياكى ياشلاردا قېرىغان تېرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    4. قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا جاراھەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ .

    5. پۇت قىسمىدا ئېغىر ياللۇغ پەيدا بولىدۇ .

    چۇقۇم كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، يۇقىرىقىلار گەرچە ئالىملار ئىسپاتلاپ چىققان ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئالامەتلىرى بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىمارنىڭ چۇقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولۇشى كېرەك . ئەگەر شۇخىل مۇمكىنچىلىك بولۇپ ھەمدە يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە چۇقۇم خىميىۋى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش لازىم .

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】