نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > دىئاگنوز ۋە پەرىقلەندۈرۈش

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى تېرە ئەسۋىسى

  • ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار

  • 65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن

  • بىمارلار ئەيدىز ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  • ئەيدىزنى يۇشۇرۇش

  • ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى

بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدە HIV نى تەكشۈرۈش «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-06-21كۆرۈلىشى :

«ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بولمىسا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە بولمايدۇ، شۇڭا ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىش كېرەك». بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق چوڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدۇر. مەركەزنىڭ چاقىرقىغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاشتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، 2017-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ قاراشەھەر ناھىيەسىدە «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى» نى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ «ئۈچ %90» مۇداپىئەلىنىش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ چوڭ چەكتە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاش ئۈچۈن، قاراشەھەر ناھىيەسى HIV تەكشۈرۈشنى «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» قاتارىغا كىرگۈزگەن.
بۇ نۆۋەت «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى» نى 10 سىناق سالامەتلىك تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 15 ياشتىن ئاشقان ئاممىنىڭ ئەسلىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرى دائىرىسىگە HIV تەكشۈرۈش تۈرى قوشۇلىدىغان بولۇپ، ئامما ئارىسىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىش ۋە قورقۇش پىسخىكىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، «نەتىجە مەخپىي، ئايرىم ئۇقتۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلۇپ، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى «ئۈچ %90» نىشانى ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
 ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】