نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > دىئاگنوز ۋە پەرىقلەندۈرۈش

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى تېرە ئەسۋىسى

  • ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار

  • 65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن

  • بىمارلار ئەيدىز ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  • ئەيدىزنى يۇشۇرۇش

  • ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى

قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىدىكى مېتادون ئامبولاتورېيەسى شەھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلدى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-06-22كۆرۈلىشى :

13-ئىيۇن، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ بەش خادىمى مايتاغ مېتادون ئامبولاتورېيەسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش داۋامىدا دورىنى قامداپ داۋالاش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك تەرتىپلىرى، دورا ئىشلىتىش قائىدە-تۈزۈملىرى، دورىلارنى باشقۇرۇش، تىزىملاش، داۋالىنشتىن كېيىن يوقلاش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۆتكەللەر چىڭ تۇتۇلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئامبولاتورېيە ئېچىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 67 نەپەر كىروئىنغا خۇمار بولغۇچى داۋالىنىپ، مېتادون يەپ داۋالىنىۋاتقان 120 نەپەر كىشىنىڭ بارلىقى، بىمارلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش سەۋىيەسىنى قوبۇل قىلىپ نەتىجىسىنى كۆرگەنلىكى، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت چۈشۈرگەن تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تاماملىنىپ، دورا ئىچكۈچىلەرنىڭ HIV/HCV/ سىفلىس بويىچە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ %100 كە يەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
مەزكۇر ئامبولاتورېيە مايتاغ رايونىدىكى خىروئىنغا خۇمار بولغانلارنى مېتادون بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، تۈزۈمگە قاتتىق رىئايە قىلىپ خىزمەت بېجىرگەن، ھەمدە يۆتكىلىشچان، كۆپ خىل داۋالاشتىن كېيىنكى ئىز قوغلاش قاتارلىق ئۇنىۋرىسال پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان، بۇنىڭ بىلەن بىمارلارنىڭ مېتادون ئامبولاتورېيەسىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە چۈشەنچىسى ئېشىپ، مېتادون ئامبولاتورېيەسىنىڭ خىزمىتىدە ئۇچقاندەك تەرەققىيات نەتىجىسى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، زەھەر چېكىشتىن ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنغان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】