نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > دىئاگنوز ۋە پەرىقلەندۈرۈش

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى تېرە ئەسۋىسى

  • ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار

  • 65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن

  • بىمارلار ئەيدىز ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  • ئەيدىزنى يۇشۇرۇش

  • ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى

ئەيدىز بىلەن ئۆتكەن ھايات

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : يارپۋاقتى : 2017-06-28كۆرۈلىشى :

 بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى يولدىشىمنى ئۆت ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپاردىم، ئويلىمىغان يەردىن دوختۇر مېنى چاقىردى. يولدىشىم بۇ قېتىملىق داۋالىنىشقا بېرىشتىن 2 ئاي ئىلگىرى مەن تۇرغان شەھەردە بەلۋاغسىمان قوقاق دەيدىغان بىر نەرسە چىقىپ قىزىپ 20 كۈن ئەتراپىدا دوختۇرخانىدا ياتقان ئىدى. دوختۇر ماڭا بىر قۇر قارىغاندىن كېيىن يېنىدىكى سېستىراغا ئىشىكنى تاقىۋېتىشنى شەرەت قىلدى ۋە يولدىشىمنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيىتتى، مەن خەنزۇچىنى ياخشى بىلسەممۇ ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمىدىم ھەم داڭ قېتىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم، پۈتۈن بەدىنىم چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلدى ۋە ئۆزۈمچە تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندىم. ئۇ سىرىتتىن 20 ياشلار چامىسىدىكى دوختۇر يىگىتنى چاقىرىپ تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى ئېيىتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئەيدىزنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇسبەت ياكى مەنپى دەيدىغان ئىش يوق ئاق چىققانلىقى ئۈچۈن قايتا - قايتا 3 قېتىم تەكشۈردۇق مۇسبەت ئەمەس، 15 كۈندىن كېيىن ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشىنى، ئەمما گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى، مەن تىتىرىدىم، دۇنيادا قىسقىسى بۇ ئۆمرۈمدە بۇنداق ۋەھىمىگە تۇنجى دۇچ كېلىشىم ئىدى ..

كۆز ئالدىمدا 2 پەرزەنتىم ، ياخشى كۆرۈپ نەچچە يىلدىن بېرى ماڭا بەخت ئاتا قىلىۋاتقان بىچارە يولدىشىمنىڭ چىرايى كۆز ئالدىمغا كەلدى ... يولدىشىم ئەزەلدىن كەيپ-ساپادىن، ھاراق-تاماكىدىن نېرى، ئائىلىدە بولسا ۋاپادار دادا، كۆيۈمچان، مەسئۇلىيەتچان ئەر، خىزمەت ئورنىدا نەتىجە قازانغان رەھبەر ئىدى ...... مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم، يولدىشىم ماڭا ئوكۇل چۈشۈپ بولسا تاماق يەپ كىرەيلى دېدى، مەن تاماققا چىقتىم گېلىمدىن بىر نەرسە بوغقاندەك ھىچ نىمە ئۆتمىدى. ئۇ ماڭا تاماق يېمەمسىز- دېدى.
مەن بايام يەۋالغان دېدىم، ئەمما ئۇ ئىشەنمىدى. كېسىلىم ئېغىرمىكەن دوختۇر بىر نىمە دېگەن ئوخشىمامدۇ - دېدى،مەن ياق، دېدىم.
چۈشتىن كېيىن مەن ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا باردىم، ئەيدىزدىن مەسلىھەت بىرىش ئىشىخانىسىگە كىرىپ ئولتۇرۇپ پەرىشتە سۈپەت بىر ئاچاشقا يولدىشىمنىڭ ئەھۋالىنى دېدىم ۋە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتىم. ئەسلىدە يولدىشىمنى مۇشۇ بۆلۈمدە قان تەكشۈرگەن ئىكەن. ئۇ ئايال يولدىشىمنىڭ ئەھۋالىنى بىر قاتار سورىدى، يولدىشىم ئەزەلدىنلا كېسەلچان، ئاسان ئاغرىپ قالىدىغان بولغاچقا كىچىكىدىنلا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن ئىكەن. ئۇ بۇندىن 11 يىل ئىلگىرى تۇغما يۈرەك كېسەل بىلەن ئوپراتسىيە قىلىنىپ قان سالغانلىغىنى، شۇندىن بۇيان ئېغىر قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ خاتىرجەم بولۇڭ، يەنە بىر تەكشۈرۈپ باقايلى دېدى. مەن يىغلىغاچ ئۆزۈمنىمۇ تەكشۈرۈپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم. ئۇ ماقۇل بولدى، ئەتىسى مەن قاننى ھەم ئۇندىن باشقا ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرۈتتۈم، ساق ئىكەنمەن. مەن ساق سالامەت چىقتىم، يولدىشىمنى قايتا تەكشۈردى، نەتىجىدە يولدىشىڭىزنىڭ س4 ھۈجەيرىسى 298 ئىكەن، ساق بولسا مەنپى چىقاتتى، ھازىر مۇسبەتمۇ ئەمەس مەنپىمۇ ئەمەس ئىشقىلىپ تېنىدە ئەيدىز ۋىروسى بار. ئىشىنىڭ دېدى، مەن ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم. كېيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىردى، ئۇ كېسەل تارىخىنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتى. مەندە نېمىشقا بۇنداق چىقىپ قالىدۇ. ئەيدىز ۋىروسىدىن گۇمانلىق دەپ يېزىپتۇ، بۇ مۇمكىنمۇ- دېدى، مەن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم. قانداقلا ئىش يۈز بەرمىسۇن بولغۇلۇق بوپتۇ. سەۋىر قىلىڭ دېدىم. ھەم ئۆزومنى تەكشۈرۈتكەن نەتىجىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم ھەم دوختۇرنىڭ گېپىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم.
ئۇ بەكلا چۈشكۈنلۈشۈپ كەتتى. مېنىڭمۇ كۆڭلۈم ئارامىدا بولمىدى. ماڭا كىم تەسەللى بېرىدۇ. ئۇنىڭغا تەغدىرگە تەن بىرەيلى، قانداق كېسەل بولمىسۇن تەغدىر شۇكەن. شۈكرى قىلايلى. 2 بالىمىز بار ئەمەسمۇ دېدىم.... قايتىپ كەلدۇق. يولدىشىم كۈندىن - كۈنگە روھسىز چۈشكۈن كۆرۈنەتتى. بارلىق ئازاپ ئوقۇبەتلىرىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم.مېنىڭ كۈنلىرىم تەشۋىش، غەم ئەندىشە يۇشۇرۇن ئازاپ ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى...
كېيىن ئۇنى ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى (فاڭيىزەن) دىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىزلەپ، ۋىروسقا قارشى داۋالىنىشنى ھەمدە قان سالغان تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈن قاندىن يۇققان ئىكەنلىكىنى ھەمدە ۋىرۇستىن يۇقۇملانغىلى 6 يىل ئەتراپىدا بولغانلىغىنى، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىلىرى بىلەن داۋالىنىشنى، ھازىر كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئىكەنلىكىنى، قاندىكى ۋىرۇس سانى 50 تىن تۆۋەن س 4 ھۈجەيرىسى 450 ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ دوختۇرغا بەك ماسلاشتى، بىر كۈنمۇ بىرە ۋاخمۇ دورىسىنى ئۈزۈپ قويمايتتى، ئائىلىدە بولسا بىز ئادەتتىكى بىر تازىلىق ئۆيى بار ئۆيدىن، 2 تازلىق ئۆيى بار ئۆيگە ئالماشتۇق، يولدىشىمنىڭ كىيىملىرىنىمۇ ئايرىم كىرئالغۇدا يۇيدۇق.
مانا شۇنداق قىلىپ دوختۇرنىڭ ھېسابى بويىچە بولغاندا كېسەل يۇققىلى 11 يىل، داۋالانغىلى 5 يىل بولدى . كۈنلىرىم غەم ئەندىشە، مىسكىن، يالغۇزلۇق، ئاچچىق ئازاپ ئىچىدە ئۆتمەكتە. ھازىر يولدىشىممۇ ھاياتقا ئۈمۈتۋار قارايدىغان بولدى، مەن ھەر يىلى 2 قېتىم يۇقۇملۇق كېسەل دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارىمەن، شۇنداق ساغلام چىقتىم، ئەمما كۈنلىرىم غەم ئەندىشە، يوشۇرۇن ئازاپ ئىچىدە ئۆتمەكتە، دۇنيادا خاتىرجەملىكتىن مۇھىم نەرسە يوق ئىكەن، يولدىشىمنىڭ كېسىلىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، بالىلىرىمنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يېتىشتىن، كېسىلىنىڭ ماڭا ۋە بالىلارغا يۇقۇپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەپ ئازاپ ئىچىدە ياشاۋاتىمەن. داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋاكسىنا چىققانمىدۇ دەپ كومپىيۇتىر ئالدىغا كەلسەملا كۆز يۈگۈرتىمەن.
سۆيۈملۈك دوختۇرلاردىن سورايدىغانلىرىم.
-1ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قاراپ تەكشۈرۈش مۇسبەت چىقمىسىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويۇشى توغرىمۇ؟
-2 ئەر - ئايال ئىككىلىمىزنىڭ قان تىپى بىر خىل، يولدىشىمنىڭ بۇ كېسىلى دوختۇر تەرىپىدىن دىياگنوز قويۇشتىن بۇرۇن 6 يىل نورمال ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولدۇم، ئەمما مەن ناھايىتى نورمال ھەم ساق - سالامەت. بۇنىڭدىن يولدىشىمغا قويۇلغان دىياگنوزدا مەسىلە بارمۇ، دىياگنوز خاتامۇ قانداق؟
-3يولدىشىم ئۆز ئارخىپىنى باشقىلارنىڭ ئارخىپىغا سېلىشتۇرغان ئىكەن، باشقىلارنىڭ قاندىكى ۋىرۇس نەچچە مىڭ ئەتراپىدا پەقەت يولدىشىمنىڭلا 50 تىن تۆۋەن ئىكەن بۇنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟
-4قان تەكشۈرتۈشتە مۇسبەت چىقمىسىمۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى دېيىش توغرىمۇ؟
-5راستىنلا يۇقۇملانغۇچى بولۇپ يوشۇرۇن دەۋرى بولغان بولسىمۇ زادى نەچچە يىلدىن كېيىن مۇسبەت بولىدۇ؟ ئۇنى ھازىرمۇ تەكشۇرتسە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاقلا چىقىدۇ ياكى مۇسبەت ياكى مەنپى ئەمەس.

 

【مەسئۇل تەھرىر : يارپ】