نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > دىئاگنوز ۋە پەرىقلەندۈرۈش

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ئەيدىزنىڭ كۆزنەك دەۋرىدىكى تېرە ئەسۋىسى

  • ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار

  • 65.3% ياش ئۆزىنى ئەيدىز كېسىلىنى ياخشى چۈشىنىمەن، دەپ قارايدىكەن

  • بىمارلار ئەيدىز ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئالدىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

  • ئەيدىزنى يۇشۇرۇش

  • ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خادىملىرى تيەنجىندا MSM تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى

مەنبەسى : يارپ تورىيوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربانۋاقتى : 2017-07-07كۆرۈلىشى :

2017-يىلى 18-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە، تەڭرىتاغ رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تيەنجىندا ئاچقان شىنجاڭ MSM ئۇنىۋېرىسال تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى. تيەنجىن CDC ھەمدە تيەنجىن قېنىق كۆك ئاممىۋى سەھىيەدىن مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈر باشقۇرۇش ۋە مەھەللە تەشكىل قۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇردى.
تيەنجىن CDC سى دۆلەتلىك CDC ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، تيەنجىن قېنىق رەڭ مەركىزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا مەيدانغا كېلىپ، مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرۈش، داۋالاش، داۋالاشتىن كېيىن يوقلاش مۇكەممەل تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بارلىق يۇقۇملانغۇچىلارغا ياردەم بېرىدىكەن. قېنىق رەڭ مەركىزى قۇرغان بۇ مۇلازىمەت ئەڭ چوڭ چەكتە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىدىكى ئەھۋالىنى ئازايتىدىكەن، ھەمدە بارلىق مۇلازىمەت جەريانىدا، تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى مەخپىي ساقلايدىكەن. بۇ قېتىملىقلىق تەربىيەلەش كۇرسىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشىگە ئاساس سېلىنغان.
 ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى
 

【مەسئۇل تەھرىر : 】