نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئەيدىز > دىئاگنوز ۋە پەرىقلەندۈرۈش

رەسىملىك ئۇچۇرلار

  • ياشانغانلار ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولماقتا

  • دورا يېگەندىن كېيىن دورا مەنبەلىك ئەسۋە چىقسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

ياشانغانلار ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولماقتا

مەنبەسى : نۇر تورىيوللىغۇچى : ۋاقتى : 2018-11-16كۆرۈلىشى :

 

يېقىندا مۇخبىر چېڭدۇ شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە، داۋالاش مەركىزى (يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى)نى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشتى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمى (ئەمەلىيەتتە ئەيدىز رايونى)دە 100 كارىۋات بار بولۇپ، 100 ئادەم ياتاتتى. دوختۇرخانىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياشانغانلار بالنىستتا ياتقان ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردىن كۆپ ئىكەن. دېمەك، ئەيدىز كېسىلى ياشانغانلار توپىدا تارقىلىش يۈزلىنىشى كۆپ كېسەل بولۇپ، ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، دۇنيا ئەيدىز كۈنى تەسىس قىلىنغان 30 يىلدىن بۇيان، دۇنيا خەلقى ئەيدىزگە قارشى كۈرەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

1998-يىلى دېكابىردىن باشلاپ ھەر يىلى 1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، دۇنيا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەش بىلەن بىللە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كېسىلىدىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشتى.

ھازىر نۇرغۇن ئەيدىز كېسەللەر ئۆزىنىڭ كېسىلىنى يوشۇرىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كەمستىلىشىدىن ئەنسىرەپ، داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ، مۇشۇنداق كەمسىتىش خاھىشلىرىنى تۈگىتىپ، ئەيدىز كېسەللەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىشمىز كېرەك ئەلۋەتتە.

ئەسلى مەنبە: https://mp.weixin.qq.com/s/taiGdrrfk0CtKquxx0FSBQ

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى سالونى 中国维吾尔语广播 CNR

【مەسئۇل تەھرىر : xjaids】

新疆艾滋病防治 健康新疆12320 xjsaghlam